ئىرانلىق قوماندان ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق «قۇددۇس كۈچى» نىڭ قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلايمانى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئېلىپ بارغان ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلدى.

1333873
ئىرانلىق قوماندان ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، يۈزلەرچە ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈمى ۋە يېقىندا  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد باش ئەلچىخانىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ جاۋابكارى دەپ قارىلىۋاتقان ئىراننىڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قوماندانلىرىدىن قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، سۇلايمانى نىشان قىلىنغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى توغرۇلۇق پىرېزىدېنت ترامپنىڭ بىۋاسىتە يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلىپ مۇنداق دېيىلدى: «سۇلايمانى ئىراق ھەم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى ۋە يارىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، 27 – دېكابىردىكى ھۇجۇمنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان يېقىنقى بىرقانچە ئاي بويىچە ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنىڭ پىلانلىغۇچىسى ئىدى. گېنېرال سۇلايمانى، مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باغداد باش ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇملارنىمۇ تەستىقلىغان شەخس ئىدى. بۇ ھۇجۇم ئىراننىڭ كەلگۈسىدىكى ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلدى.»

ئىراقلىق يۇقىرى دەرىجىلىك دائىرىلەر بولسا، ھۇجۇمدا سۇلايمانىنىڭ سىرتىدا، شىئە خەلق ئەسكەرلىرى گۇرۇپپىسى ھەشدى شەبىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى مەھدى ئەلمۇھەندىس ۋە تەشكىلاتنىڭ ئايرودۇرۇم رەسمىيەت ئىشلىرى خادىمى مۇھەممەد رىزا قاتارلىق  يەنە 7 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بولسا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بىرقانچە مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئامېرىكا بايرىقىنى ھەمبەھىرلەشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر