ئىران ئىنتىقام ئېلىش بىلەن تەھدىت سالدى

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىگە قاراشلىق «قۇددۇس كۈچى» نىڭ قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدا ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادتا ئۆلتۈرۈلۈشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

1333943
ئىران ئىنتىقام ئېلىش بىلەن تەھدىت سالدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران دائىرىلىرى ئارقىمۇئارقا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق باياناتلارنى ئېلان قىلماقتا.

3 كۈنلۈك «مىللىي ماتەم» ئېلان قىلغان  ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېي، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى: «جىنايەتچىلەرنى ئېچىنىشلىق بىر ئىنتىقام كۈتمەكتە. سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋال، بىراق كۈرىشىمىز تاكى زەپەر قازانغانغا ۋە جىنايەتچىلەرگە بۇ دۇنيا جەھەننەمگە ئايلاندۇرۇلغانغا قەدەر قەدەر ئىزچىل داۋاملىشىدۇ، سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيەگە قارشى تىركىشىش قىزغىنلىقىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇرىدۇ.»

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «شەك – شۈبھىسىزكى، ئىران خەلقى ۋە رايوندىكى ئەركىنلىك يولىدا ئىزدىنىۋاتقان باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭ چوقۇم ئىنتىقامىنى ئالىدۇ.»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۇلايمانىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ تولىمۇ خەۋپلىك بىر  ئىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئوتتۇرىغا چىققۇسى ئاقىۋەتلىرىدىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سۇلايمانىنىڭ دائېش، ئەلقائىدە ۋە نۇسرە قاتارلىق رايوندىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى  كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاكتىپ كۈچلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى، ھەمدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «خەلقئارالىق تېررورىزم»، ئۇنىڭغا قىلىنغان سۇيىقەستنى «ناھايىتى خەتەرلىك ۋە ھاماقەتلەرچە ئېلىپ بېرىلغان سۇيىقەست» دەپ ئاتاپ، مۇنداق دېدى: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى قاراقچىلارچە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ بارلىق ئاقىۋەتلىرىنىڭ جاۋابكارى بولىدۇ.»

ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمىر ھاتەمى، ئىراننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (IRNA)  غا بەرگەن يازما باياناتىدا، بۇ ھۇجۇمغا بېرىلىدىغان جاۋابنىڭ تولىمۇ شىددەتلىك بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەھشىيلەرچە جىنايەت چوڭ شەيتان ئامېرىكىنىڭ رايوندا ۋە ئىراقتا تېررورىزمنىڭ قوللىغۇچىسى ئىكەنلىكىنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسىدۇر. ھۇجۇمغا بېرىلدىىغان جاۋاب تولىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ، ھەمدە ناھەق قان تۆككۈچىلەردىن چوقۇم ئىنتىقام ئېلىنىدۇ.»

ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىرىدىن مۇھسىن رىزائىمۇ،  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن سۇلايمانىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قاسىم سۇلايمانى شېھىت قېرىنداشلىرىنىڭ سېپىگە قېتىلدى، بىراق ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئېچىنىشلىق ئىنتىقام ئالىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر