كونستانتىن كوساچېۋ: ئامېرىكىنىڭ قاسىم سۇلەيمانىنى ئۆلتۈرۈشى يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر

رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى كونستانتىن كوساچېۋ، گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىراقتىكى شىئەلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1334130
كونستانتىن كوساچېۋ: ئامېرىكىنىڭ قاسىم سۇلەيمانىنى ئۆلتۈرۈشى يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسىدۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتى باشلىقى كونستانتىن كوساچېۋ، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسى قۇددۇس كۈچى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىراقتىكى شىئەلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كونستانتىن كوساچېۋ رۇس تاراتقۇلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە يېقىندا باغدادتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئىنتىقامىغا ئوخشاپ كېتىدىغان «ئىنتايىن ناچار بىر سېنارىيە» دەپ باھا بېرىپ، «ئەگەر شۇنداق بولىدىغان بولسا، ئەپسۇسكى ئىنتىقام ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. چۈنكى، ئۇرۇشلارنىڭ باشلىنىشى ئاسان، تۈگىشى ناھايىتى قىيىندۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، ئىراقتىكى شىئەلەرنىڭ بۇ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، «بۇ ئىنتايىن ئېچىنىشلىق خەۋەر، ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئىراقتىكى ئاشقۇن شىئەلەر ئارىسىدا يېڭى توقۇنۇشلارنىڭ خەۋەرچىسى» دېدى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇم ئارقىلىق ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى قۇددۇس كۈچى قوماندانى گېنېرال قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر