خىتاي سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

خىتاي، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇدۇس كۈچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن تەرەپلەرنى «سوغۇققان» بولۇشقا چاقىردى.

1334120
خىتاي سۇلەيمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن بايانات بېرىپ تەرەپلەرنى سوغۇققان بولۇشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بېيجىڭدا ئۆتكۈزگەن كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، سۇلەيمانىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا توختىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەردە كۈچ ئىشلىتىشكە قارشى ئىكەنلىكلىرىنى، بارلىق تەرەپلەرنى ب د ت پىرىنسىپلىرى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ تۈپ ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلىشى لازىملىقى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

«ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. ئوتتۇرا شەرق ۋە پارس قولتۇقى رايونىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقى قوغدىلىشى لازىم. مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەرەپلەرنى بولۇپمۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى سوغۇققانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە سۈركىلىشنى ئۇلغايتىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېگەن گېڭ شۇاڭ، ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى – پېنتاگون، ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ئارمىيەسىگە قاراشلىق قۇدۇس كۈچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى قاسىم سۇلەيمانىنى ۋە ھەشدۇششەئبىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى ئەبۇ مەھدى ئەلمۇھەندىسنىڭ باغداد ئايرودۇرۇمىغا يېقىن يەرگە قىلىنغان ھۇجۇمدا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر