مېكسىكىدا بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا نۇرغۇن مەھبۇس ئۆلدى

مېكسىكىدىكى بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا 16 مەھبۇس ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1333367
مېكسىكىدا بىر تۈرمىدە يۈز بەرگەن جېدەل – ماجىرادا نۇرغۇن مەھبۇس ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زاكاتېكاس ئۆلكىسىدىكى كېنېگۇللاس تۈرمىسىدە مەھبۇسلار قورال - ياراغ، پىچاق ۋە قاتتىق جىسىملار بىلەن بىر - بىرىگە ھۇجۇم قىلغان، تەخمىنەن 3 سائەتتىن كېيىن كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغان تۈرمىدىكى جېدەل – ماجىرادا مەھبۇسلاردىن 16 سى ئۆلگەن، 5 ى يارىلانغان.

ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسئۇلى ئىسمائىل كامبېروس ھېرناندېزنىڭ يەرلىك تاراتقۇلارغا بەرگەن باياناتىدا ئەسكەرتىشىچە، ۋەقەدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئارىسىدا ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. ئىلگىرى مەزكۇر تۈرمىدە ھېچقانداق قورال - ياراغ يوق بولۇپ، جېدەل – ماجىرادىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشلەر جەريانىدا، 4 دانە قورال، 9 يانفۇن، 17 پىچاق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قولغا چۈشۈرۈلگەن.

قورال، يانفۇن ۋە زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ زىيارەتچىلەر تەرىپىدىن كەلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولۇپ، مەھبۇسلارنىڭ بەزىسى ئوق تېگىش، بەزىسى پىچاق سېلىنىش ۋە قاتتىق جىسىم بىلەن ئۇرۇلۇش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر