بېلگىيە 6 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنى پۇقرالىقتىن چىقىرىۋەتتى

بېلگىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى، ھەم ماراكەش ھەم بېلگىيە پۇقراسى 6 تېررورچىنى پۇقرالىقتىن چىقىرىۋەتتى.

1333574
بېلگىيە 6 نەپەر چەت ئەللىك تېررورچىنى پۇقرالىقتىن چىقىرىۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىريۇسسېل ئالىي سوت مەھكىمىسى، 6 يىل ئىلگىرى سۈرىيەگە كەتكەن 6 تېررورچىغا ئالاقىدار داۋاملىشىۋاتقان دېلو ھەققىدە ھۆكۈم چىقاردى.

مەھكىمە، مەزكۇر كىشىلەرنىڭ بېلگىيە تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلىنغان «بىلگىيەگە شەرىئەت» ناملىق تەشكىلاتقا ئەزا بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھەم ماراكەش ھەم بېلگىيە پۇقراسى بولغان 6 كىشىنىڭ نۆۋەتتە قەيەردە ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. 8 كۈن ئىچىدە ئېتىراز بىلدۈرۈلمىگەن تەقدىردە، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

دۆلەت دائىرىلىرى، «بىلگىيەگە شەرىئەت» تەشكىلاتىنىڭ بېلگىيەدە شەرىئەت تۈزۈمى ئورنىتىش مەقسىتىدە 2010 – يىلى 3 – مارتتا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

بېلگىيە مەھكىمىسى، ھېچقانداق بومبىلىق ياكى قوراللىق ۋەقە پەيدا قىلمىغان «بىلگىيەگە شەرىئەت» تەشكىلاتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ ئېلان قىلغان، بېسىم نەتىجىسىدە تەشكىلات 2 يىل 7 ئايدىن كېيىن تارقاپ كەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر