ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ شەنبە كۈنىدىكى ھۇجۇمىدا تەخمىنەن 90 كىشى جېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئەششەبابقا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى.

1331653
ئامېرىكا سومالىدا تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكانىڭ ئافرىقا قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، سومالى فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلاشقان ھالدا ئەششەبقا ھاۋادىن 3 قېتىم ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ۋە 4 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، كۇنيو بارروۋ رايونىدا 2 نەپەر ئەششاباب ئەزاسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى، ئىككى ئاپتوموبىلنىڭ پاچاقلاش تاشلانغانلىقى، كالىيوۋ بارروۋ رايونىدىمۇ 2 تېررورچىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، «بىگۇناھ سومالى خەلقىنى ھۇجۇم نىشانى قىلغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب ئەزالىرىغا زەربە بېرىلش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلدى» دېيىلدى.

سومالىنىڭ پايتەختى موغدىشۇدا يەكشەنبە كۈنى تامۇژنا ئەتراپىدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئولتۇرغان ئاپتوبۇس ئۆتۈۋاتقان پەيتتە، بىر بومبا ئاپتوموبىل پارتلىتىلغان ۋە تەخمىنەن 90 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

تۈركىيەنىڭ مۇغدىشۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مەھمەت يىلماز ھۇجۇمدا ئىككى نەپەر تۈركىيە پۇقراسىنىڭمۇ ۋاپات بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

تۈركىيە سەھىيە مىنىسترىلىقىمۇ نۇرغۇن كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن، يارىدارلارنىڭ داۋالىنىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن ۋە بۇ دائىرىدە، دۆلەتلىك تىببىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى «UMKE» ۋە تاشقى كېسەللىكلەر خادىملىرىدىن تەركىپ تاپقان 20 كىشىلىك بىر گۇرۇپپا سومالىغا يوللانغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر