پومپېيو: بۇ قېتىمقى ھاۋا بومباردىمانى ئىرانغا بېرىلگەن كەسكىن جاۋاب

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىراقتىكى بىرلەشمە قىسىم ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكا ھاۋا ھەرىكىتىنىڭ، ئىرانغا بېرىلگەن كەسكىن جاۋاب ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1331626
پومپېيو: بۇ قېتىمقى ھاۋا بومباردىمانى ئىرانغا بېرىلگەن كەسكىن جاۋاب

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىرانغا يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان كېتائىب ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ كەركۈكتىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ ھەربىي بازىسىغا قىلىنغان ھۇجۇمى ۋە ئارقىدىن ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا بومباردىمانى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ: «بۈگۈن (29-دېكابىر) ئىراقتا باسقان قەدىمىمىز، پىرېزىدېنت ترامپ بىر قانچە ئايدىن بۇيان تەكىتلەپ كەلگەندەك، ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزگەن ئەھۋالدا كەسكىن جاۋاب بېرىدىغان قەتئىي ئىرادىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېدى.

ئۇ بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللار قايتا يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، ھەربىي جەھەتتىن جاۋاب بېرىشتىن يانمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئېسپېر (Esper) كېتائىب ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇمىغا جاۋابەن، ئۇلارنىڭ بەش دانە ھەربىي نۇقتىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى يامان نىيەتلىك تەشكىلاتلارغا قارشى ئۆزىمىزنى قوغداش ئۈچۈن، قولىمىزدىكى باشقا تاللاش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

كېتائىب ھىزبۇللاھ تەشكىلاتى ئىراقنىڭ كەركۈك رايونىدىكى بىرلەشمە قىسىمنىڭ بىر ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ئېتىلغان 30 دىن ئارتۇق راكېتامىيوت ئوقى نەتىجىسىدە، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلىپ، ئىككى ئىراق ئەسكىرى ۋە ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا جاۋابەن، كېتائىب ھىزبۇللاھ تەشكىلاتىنىڭ ئىراق بىلەن سۈرىيەدىكى بەش ھەربىي نۇقتىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر