كىم جوڭئۇن: دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تەييار تۇرۇش كېرەك

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئارمىيە ۋە دېپلوماتلارنىڭ تەييار تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1331807
كىم جوڭئۇن: دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن تەييار تۇرۇش كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالى كورېيە ئاگېنتلىقى «KCNA» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كىم جوڭئۇن شىمالىي كورېيەدە قېيىنچىلىقلارنى قانداق يېڭىش مەسلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسىي كونفرانستا، دۆلەت ئىقتىسادىنى يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقلىرى دائىرىسىدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە سانائەت ساھەسىدىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىي بىر شەكىلدە تۈزىتىلىشى ئۈچۈن ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى قەيت قىلغان.

كىم جوڭئۇن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئوق دورا زاۋۇتلىرى ۋە شىمالىي كورېيە ئارمىيەسىگە قاراتقان ھالدا، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مۇستەقىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن شىمالىي كورېيە ئارمىيەسى ۋە دىپلوماتلارنىڭ تەييار ھالەتتە تۇرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدە ئېھتىياجلىق بولغىنى، بىخەتەرلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ تولۇق قوغدىلىنىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كىم جوڭئۇن دۆلەتنىڭ ھازىرقى ۋەزىيتىدە، ھۆكۈمەت ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلما قاتارلىق بارلىق دۆلەت ئورگانلىرىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

يېزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشتا يۇقىرى ئۆرلەشكە قاتتىق ئېھتياج بارلىقىنى تەكىتلىگەن كىم جوڭئۇن، ئىلىم پەن، مائارىپ ۋە خەلق سالامەتلىكى ئۆلچەملىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا دائىر بەلگىلىمىلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

شىمالىي كورېيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو كېلىشىمى مەسىلىسىدە، ئورتاق قوبۇل قىلارلىقى بولغان شەرتلەرنىڭ سۇنۇلىشى ئۈچۈن مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئامېرىكاغا بەرگەن مۇددەتنىڭ توشۇپ قىلىشىغا بىرقانچە كۈن قالغاندا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كونفېرانستا، كىم جوڭئۇن بۇ ھەقتە ھېچ قانداق بايانات بەرمىدى ياكى بىرەر قارار ماقۇللىغان ۋەيا ماقۇللىمىغانلىقىنىمۇ ئۇقتۇرمىدى.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر