ھافتەر كۈچلىرى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

لىۋىيەدە ئىسيانچى گېنېرال خەلىفە ھافتەر كۈچلىرىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى پايتەخت ترابلۇستىكى بىر ئاھالىلەر رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا بىر ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى.

1331284
ھافتەر كۈچلىرى ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتىنىڭ «غەزەپ ۋۇلقىنى» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوماندانلىق مەركىزى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ھافتەر كۈچلىرىنىڭ ترابلۇسنىڭ ئەبۇسەلىم ئاھالىلەر رايونىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى؛ ۋەقەدە بىر پۇقرانىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 6 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلار ئارىسىدىكى بىر بالىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ناچار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ لىدېرى خەلىفە ھافتەر، 12 – دېكابىر پەيشەنبە كۈنى پايتەخت ترابلۇسنىڭ مەركىزىگە يېڭىدىن ھۇجۇم قوزغىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلغانىدى.

ئۇ، 4 – ئاپرېلدىمۇ ترابلۇسنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئەسكەرلىرىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، 48 سائەت ئىچىدە پايتەختنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن؛ بۇنىڭغا قارشى لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى «غەزەپ ۋۇلقىنى» ناملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر