ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا زاپاس قىسىم ئەۋەتتى

ئىراق ئارمىيەسى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كەركۈكنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا زاپاس قىسىم ئەۋەتتى.

1331024
ئىراق ئارمىيەسى كەركۈكنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا زاپاس قىسىم ئەۋەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك ھەربىي ھەرىكەتلەر قوماندانى لېيتېنانت گېنېرال سەئد ھەربىيەنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراق ئارمىيەسىگە قاراشلىق 34 – قىسىم بىلەن كۆپ ساندا تانكا ۋە ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار شەھەرنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت، دائېشنىڭ بولۇپمۇ شەھەرنىڭ جەنۇبىي يېزا – قىشلاقلىرىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇملىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر