ئوتتۇرا  ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى بانگىدا خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1330508
ئوتتۇرا  ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇسۇلمانلار نوپۇس جەھەتتىن كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان PK5  مەھەللىسىدە خەلق ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇششاق تىجارەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا باج تۆلەش مەسىلىسى سەۋەبىدىن تالاش – تارتىش يۈز بەرگەن، تالاش – تارتىشنىڭ جېدەلگە ئايلىنىپ كېتىشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن،  توقۇنۇشتا، مەھەللىلىكلەردىن 23 ى بولۇپ، جەمئىي 35 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 تىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان، ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىغا ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

دۆلەتتە 2012 – يىلى ئىچكى توقۇنۇشلار باشلانغاندىن بۇيان  شۇنچە كۆپ تىنچلىق كېلىشىملىرى ئىمزالانغان بولۇشىغا قارىماي، بانگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن شەھەرلەرنىڭ ۋەزىيىتى تېخىچە تىنجىمىغان.

2013 – يىلى خىرىستىيان ئانتى – بالاكا  گۇرۇھى بىلەن مۇسۇلمان سېلېكا گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئىچكى ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كەتكەن توقۇنۇشلاردا مىڭلارچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر