ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ ھەدىيەسىنىڭ لوڭقا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ، «ئامېرىكاغا بېرىلىدىغان روژدېستۋا ھەدىيەسى ۋاشىنگتوننىڭ ھەرىكەتلىرىگە باغلىق» دېگەن سۆزى بېشارەت بەرگەن ھەدىيەنىڭ، «گۈزەل لوڭقا» بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

1329054
ترامپ كىم جوڭئۇننىڭ ھەدىيەسىنىڭ لوڭقا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ترامپ روژدېستۋا بايرىمىدا فلورىدا ئىشتاتىنىڭ «پالم بىچ» (Palm Beach) رايونىدىكى دەم ئېلىۋاتقان تۇرالغۇسىدا، چەت ئەللەردە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ۋىدېئودا كۆرۈشتى.

ئۇ ئەسكەرلەرنىڭ «كاتتا ئىش قىلغانلىقى» نى تەكىتلىدى ۋە كۆرۈشۈشتىن كېيىن، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ مۇخبىرنىڭ، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇننىڭ «ئامېرىكاغا بېرىلىدىغان روژدېستۋا ھەدىيەسى ۋاشىنگتوننىڭ ھەرىكەتلىرىگە باغلىق» دېگەن سۆزىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا سورىغان «شىمالىي كورېيە يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلسا، قانداق جاۋاب قايتۇرىسىز؟» دېگەن سوئالىغا: «بەلكىم ماڭا ئەۋەتىدىغان ھەدىيە، يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئەمەس، بەلكى لوڭقا بولۇشى مۇمكىن. كىم جوڭئۇندىن گۈزەل ھەدىيە ئالالايمەن. ھېچقاچان بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، نېمىلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر