بېنىندا دىنىي مۇراسىمغا كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

غەربىي ئافرىقا دۆلىتى بېنىندا دىنىي مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان خىرىستىيانلار ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ كەم دېگەندە 100 كىشى قازا قىلدى.

1329461
بېنىندا دىنىي مۇراسىمغا كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغان پاراخوت كۆمتۈرۈلۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نىگېرىيەنىڭ لاگوس شەھىرىدە ياشاۋاتقان 100 دىن ئارتۇق بېنىنلىق، «نوكوئې كۆلى» ساھىلىدىكى سوئاۋا شەھىرىدىكى چېرۇبىم ۋە سېراپھىم چېركاۋلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى يىللىق دىنىي مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۆتكەن شەنبە كۈنى پاراخوت بىلەن يولغا چىققان، پاراخوت بېنىن ساھىللىرىدا كۆمتۈرلۈپ كەتكەن، ۋەقەدىن كېيىنكى ئىزدەش - قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋامىدا ھازىرغىچە 100 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، قانچە ئادەم بارلىقى نامەلۇم بولغان پاراخوت ئادەتتىن تاشقىرى دەرىجىدىكى ئېغىر يۈك سەۋەبىدىن كۆمتۈرۈلۈپ كەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر