شىۋېتسىيەدە ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتىگە تەھدىت مەكتۇبى يوللاندى

شىۋېتسىيەدە ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتىگە «26 كۈن ئىچىدە جامەلەر ۋە جامەلەرگە يىقىن جايلاردا جىنايىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن سۆزلەر ئورۇن ئالغان تەھدىت مەكتۇبى يوللاندى.

1328702
شىۋېتسىيەدە ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتىگە تەھدىت مەكتۇبى يوللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەنىڭ گوتېبورگ شەھىرىگە يېقىن تروھاتتان يېزىسىدا تۇرۇشلۇق ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتىگە يوللانغان مەكتۇپ ئەندىشە ياراتتى. جەمئىيەتتە كىچىك بالىلارغا بېرىلىۋاتقان دەرسلەر توختىتىلدى.

مەكتۇبتا «شىۋېتسىيەدىن كەتمەيدىغان بولساڭلار، بالىلىرىڭلار ئۆلىدۇ» دېيىلگەندىن باشقا يەنە، «26 كۈن ئىچىدە جامەلەر ۋە جامەلەرگە يىقىن جايلاردا جىنايىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ» دېگەن تەھدىتلەرنىڭمۇ ئورۇن ئالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىسلام كۈلتۈر جەمئىيىتى باشلىقى شادى مەنسۇر شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا، تەھدىتلەرنىڭ جىددى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

شادى مەنسۇر نامازنى قىبلە تەرەپكە قاراپ ئوقۇيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «بىز مەككە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈپ ئىبادەت قىلغىنىمىزدا، ئۆزىمىزنى قوغدىيالمايمىز، ساقچىلار بىزنى قوغدىشى كېرەك. بىز پەقەت دەرۋازىنىلا تاقاپ قويالايمىز» دېدى.

فىيىربودان ساقچى ئىدارىسىدىن ئوفېتسىر رىكارك فىرېمارك، ۋەقە ھەققىدە ئېنىقلىما بېرىشكە بەك بالدۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەھدىت مەكتۇبى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر