ئافغانىستاندا بىر ئامېرىكا ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلدى
ئافغانىستاندا ناتو قىسمىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ھەربىي ھەرىكەت جاريانىدا جېنىدىن ئايرىلدى.
1327842
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستاندىكى ناتو قىسىمى بىر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ناتو قىسمىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھەربىي ھەرىكەت جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.
بىراق، باياناتتا ئەسكەرنىڭ كىملىكى، قەيەردە ۋە قاچان جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.
تالىباننىڭ باياناتىدا بولسا، ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قۇندۇز ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.