بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە 11 يېزىنى قولغا چۈشۈردى

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى، رۇسىيە ۋا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىست كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئاستانا كېلىشىمىنى نەزەرگە ئىلماستىن ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدا يەنە 11 تۇرالغۇ رايونىنى قولغا چۈشۈردى.

1328320
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى يەنە 11 يېزىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى، رۇسىيە ۋا ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى چەت ئەل تېررورىست كۈچلىرىنىڭ ياردىمىدە، ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى مۇدەيرىسە، ئەبۇ شەرجى، كراتى، كرەستەنە، ھۇلۇببە، تۇھ، مۇئايسۇرنە، تەختايا، ئەبۇ مەككى، سۇكەيا ۋە سىرمان يېزىلىرىنى قولغا چۈشۈردى. بۇنىڭ بىلەن، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى 2019-يىلى 19-دېكابىر باشلىغان ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، جەمئىي 20 يېزىنى قولغا چۈشۈرگەن بولدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى بۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇم جەلال ۋە ئۇم تۇۋەينە، تېل شەيخ، فۇرجە، برېيسا، رابىيا، ئۇرەيبە، شارا، ئەبۇ خاببە يېزىلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالغان ئىدى.

ئىدلىبنىڭ مائارراتۇننۇمان ۋە سەراكىب ناھىيەلىرىنىڭ مەركەزلىرى بىلەن ئەتراپى قاتتىق بومباردىمانغا ئۇچراۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ھۇجۇمىغا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن رۇسىيە ئالاھىدە قىسمى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «يولۋاس كۈچلىرى» ناملىق قوراللىق كۈچلەر ياردەم قىلماقتا. رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىمۇ بەششار ئەسەد كۈچلىرىگە ياردەم قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر