لىۋىيە تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان «بىخەتەرلىك كېلىشىمى» نى ماقۇللىدى

لىۋىيە مىنىستىرلار كېڭىشى تۈركىيە بىلەن لىۋىيە مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان «بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى ئاكتىپلاشتۇرۇش قارارنامىسىنى بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى.

1326703
لىۋىيە تۈركىيە بىلەن ئىمزالانغان «بىخەتەرلىك كېلىشىمى» نى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لىۋىيە باش مىنىستىرى فايىز ئەسسەرراجنىڭ ئىشخانىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، مىنىستىرلار كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلغان مەزكۇر قارارنامە بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان.

تۈركىيە بىلەن لىۋىيەدىكى مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى 27 – نويابىر كۈنى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە دېڭىزدىكى ھوقۇق دائىرىلىرىنى تارايتىش نىشان قىلىنغان «بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي ھەمكارلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر