بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتىكى توققۇز يېزىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈردى

سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى كۈچلىرى قوللىغۇچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئىدلىب جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش رايونىدىكى توققۇز يېزىنى قولغا چۈشۈردى.

1327120
بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتىكى توققۇز يېزىنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا چۈشۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە قوللىغۇچىلىرى يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيان ئاستانا كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغان ھالدا ئىدلىبنىڭ شەرقىي جەنۇبىدا ئىلگىرىلەشكە ئۇرۇنماقتا. ئىدلىبنىڭ مائارراتۇننۇمان ۋە سەراكىب ناھىيە مەركەزلىرى بىلەن ئەتراپىنى ئېغىر بومباردىمان قىلماقتا.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ تۈنۈگۈن (19-دېكابىر) كەچتىكى ھۇجۇمىغا، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورىست گۇرۇپپىلار بىلەن رۇسىيە ئالاھىدە قىسمى يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «يولۋاس كۈچلىرى» ناملىق قوراللىق كۈچلەر ياردەم قىلدى.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھۇجۇم نەتىجىسىدە، مائارراتۇننۇمانغا قاراشلىق ئۇم جەلال ۋە ئۇم تۇۋەينە يېزىلىرىنى قولغا چۈشۈردى. چۈشتىن كېيىن بولسا، تېل شەيخ، فۇرجە، برېيسا، رابىيا، ئۇرەيبە، شارا، ئەبۇ خاببە يېزىلىرىنىڭ كونتروللۇقىنى قولىغا ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر