ماھاتىر: ئىسلام تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد، نۆۋەتتە ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ قارالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1326108
ماھاتىر: ئىسلام تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماھاتىر مۇھەممەد «2019 كۇالالۇمپۇر باشلىقلار يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ۋە ئىسلامنىڭ بۈگۈن تېررورىزم ۋە ناچار دۆلەت تۈزۈملىرى بىلەن تەڭداش دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، ئىسلام دىنىنىڭ تۆھمەت ۋە ھاقارەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆتمۈشتە ئىلغار مەدەنىيەتلەرنى ياراتقانلىقىغا ۋە ئىسلامنىڭ تەلىماتلىرىنى دۇنياغا تارقاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلغاندىن كېيىن، «بىراق نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھۆرمىتىدىن ئايرىلىپ قالدۇق. بىز ئەمدى نە بىلىمنىڭ مەنبەسى، نە ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ يېتەكچى مودېلى ئەمەس» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ماھاتىر مۇھەممەد، نۆۋەتتە ھېچبىر مۇسۇلمان دۆلەتنىڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت دەپ قارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۇنچە بايلىقلىرىغا قارىماي بۇ دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كاتېگورىيەسىدە تۇرماقتا. بۇ دۆلەتلەر – ئەپسۇسكى – ئاجىز بولۇپ، ئىسلام ئۈممىتىنى مۇھاپىزەت قىلىشقا قۇربى يەتمەيۋاتماقتا» دېدى.

مالايشىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد مۇسۇلمانلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە چارە تېپىش مەقسىتىدە كۇالالۇمپۇر باشلىقلار يىغىنىنى چاقىرغانلىقلىرىنى قەيت قىلىپ، «بۇ يەردە توپلانغان بىر قانچە دۆلەت بىلەن بىرلىكتە، بىر قاتار كونكېرت پىلان ۋە قەدەملەرنىڭ كويىغا كىرىش ئاتەشىنى تۇتاشتۇرغان بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر