گراندى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى فىلىپپو گراندى، 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقان تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى.

1326103
گراندى تۈركىيەگە يۇقىرى باھا بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارى گراندى، شىۋېيتسارىيەنىڭ ساھىبخانلىقىدا چاقىرىلغان «بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا مۇساپىرلار مۇنبىرى» يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بايانات بەردى. ئۇ، يىغىنغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئشىتىراك قىلىشى توغرىسىدا توختالدى ۋە تۈركىيەنى مەدھىيەلىدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ 3 مىليون 600 مىڭ سۈرىيەلىك باشتا بولۇپ، جەمئىي 4 مىليوندىن ئارتۇق مۇساپىرغا ساھىبخانلىق قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر دۆلەتكە نىسبەتەن ئاسان ئىش ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇ، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى سۈرىيەلىكلەرنىڭ دۆلەتلىرىگە قايتىشى توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى خاتىرىلەتكەن ھالدا، «جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قايتىشنىڭ پەقەت ئىختىيارى شەكىلدىلا مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى روشەن ھالدا تىلغا ئېلىپ ئۆتتى» دېدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلىقى ۋە يېقىندىن قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر