پۇتىن ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1325378
پۇتىن ماكرون بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل سارىيى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر لىۋىيە  كىرىزىسىنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى  تەكىتلىدى. رۇسىيە بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن گېرمانىيەنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يوللار ئارقىلىق ھەل قىلىش تىرىشچانلىقلىرىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تېلېفون سۆھبىتىدە، سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋە شەرقىي شىمالىي رايونلىرى توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى، رەھبەرلەر تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قىلىنىشى ۋە بۇ ھەقتە ماس قەدەمدە ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى قەيت قىلدى. تېلېفون سۆھبىتىدە يەنە، فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئۇكرائىنا ۋە رۇسىيەنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا چاقىرىلغان <نورماندىيە ئەندىزىسى» دىكى تۆت دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى توغرىلىقمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.»

باياناتنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: «پۇتىن دونباسقا ئالاھىدە سالاھىيەت بېرىلىشى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى، ئەسىر ھەم تۇتقۇن ئالماشتۇرۇش قاتارلىق بۇ ھەقتە چىقىرىلغان بارلىق قارارلارنىڭ قەتئىي ئىجرا قىلىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. ئىككى رەھبەر، رۇسىيەنىڭ تەبىئىي گازىنى ئۇكرائىنا ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈش مەسىلىسى توغرىلىقمۇ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇردى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر