فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى باشلانغان ئىش تاشلاش داۋاملىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، تۈنۈگۈن (17-دېكابىر) دۆلەت مىقياسىدا پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

1325238
فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نامايىشچىلار فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىدىن بىرى بولغان ئومۇمىي سودا-سانائەت بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۇيۇشمىلارنىڭ چاقىرىقى بىلەن، پارىژدىكى جۇمھۇرىيەت مەيدانىدا توپلىنىپ، مىللەت مەيدانىغىچە پىيادە يۈرۈدى.

نامايىش جەريانىدا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى. ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى. پارىژ ساقچى باشلىقى نامايىشلاردا 30 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فىرانسىيەنىڭ باشقا نۇرغۇن شەھەرلىرىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلگەندىن باشقا، يوللارنى توسۇش ھەرىكىتىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، فىرانسىيە مىقياسىدا ئوخشىمىغان 80 نۇقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارغا 615 مىڭ كىشى قاتناشقان، پارىژدا 76 مىڭ كىشى قاتناشقان. ئومۇمىي سودا-سانائەت بىرلەشمىسى بولسا، نامايىشلارغا 1.8 مىليون كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، پارىژدا 350 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا قارشى باشلانغان ئىش تاشلاش بۈگۈن (18-دېكابىر) 13-كۈنىگە قەدەم قويدى. پارىژ ۋە باشقا نۇرغۇن شەھەرلەردە ئاممىۋى قاتناش ۋە پويىز سەپەرلىرىدە ئېغىر مەسىلىلەر كۆرۈلدى. ئىش تاشلاش ۋە نامايىشلار سەۋەبىدىن ئېفىل مۇنارى، ۋېرسال سارىيىغا ئوخشاش نۇرغۇن مۇزېيىلار تاقالدى.

فىرانسىيە باش مىنىستىرى ئىدۋارد فىلىپ (Edouard Philippe) پارلامېنتتا بايانات ئېلان قىلىپ، پېنسىيە ئىسلاھاتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسىدە قەتئىي قارارغا ئىگە ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر