بەچچىۋازلىق ئارخىپلىرى پاپالىقنىڭ سىرى قاتارىدىن چىقىرىلدى

كاتولىكلارنىڭ رۇھانى رەھبىرى شۇنداقلا ۋاتىكان دۆلەت رەئىسى پاپا فىرانجىسجۇس بەچچىۋازلىق ئارخىپلىرىنى پاپالىقنىڭ سىرى قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.

1325417
بەچچىۋازلىق ئارخىپلىرى پاپالىقنىڭ سىرى قاتارىدىن چىقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاتىكان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، پاپا فىرانجىسجۇسنىڭ بەچچىۋازلىق جىنايەتلىرىنىڭ ياش چەكلىمىسىنى ئەسلىدىكى 14 ياشتىن 18 ياشقا چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پاپا فىرانجىسجۇس كىچىك بالىلارنىڭ سېرىق رەسىملىرىنى ساقلاش ۋە تارقىتىشنى «ئەڭ چوڭ جىنايەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

پاپا فىرانجىسجۇسنىڭ قارارى بىلەن ۋاتىكان ئەدلىيە سارىيى ۋە باش رۇھانىيلىق ئارخىپلىرىدا سىر سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتقان باسقۇنچىلىق ۋە بەچچىۋازلىققا دائىر دوكلاتلار، بايان ۋە ھۆججەتلەر پاپالىق سىرى قاتارىدىن چىقىرىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇلسا بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. 

پوپلارنىڭ كىچىك بالىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىشى سەۋەبىدىن كاتولىك چىركاۋلارنىڭ يۈز ئابرويى تۆكۈلۈپ كەتكەن ئىدى.   

پاپا فىرانجىسجۇس ئالدىنقى يىلى ۋاتىكاندا راھىپلار ھەققىدە داۋاملىشىۋاتقان 2000 دىن ئارتۇق باسقۇنچىلىق دېلولىرى بارلىقىنى ۋە بۇ تەكشۈرۈش باشقۇچىنىڭ ئاستا كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

كاتولىك خىرىستىيان دۇنياسىدا، چىلىدىن ئاۋستىرالىيەگە قەدەر پوپلارنىڭ 10 مىڭلىغان كىچىك بالىغا باشقۇنچىلىق قىلىش ۋەقەسى ئاشكارىلانغان ھەمدە ۋاتىكان بۇ جىنايەتلەردىن نۇمۇس ۋە ئازاب ھېس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر