ئافغانىستاندا تالىبان ھەربىي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى
تالىبان مىلىتانلىرى ئافغانىستاننىڭ غەزنە ۋىلايىتىگە قاراشلىق قاراباغ ناھىيەسىدىكى ھەربىي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىپ، 9 ئەسكەرنى ئۆلتۈردى.
1323311
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى فەۋاد ئامان ئېلان قىلغان باياناتىدا، تالىبان مىلىتانلىرىنىڭ قاراباغدىكى ھەربىي ساقچى پونكىتىغا ھۇجۇم قىلىشى سەۋەبىدىن 9 ئەسكەرنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
يەنە بىر تەرەپتىن نەخ مەيداننى كۆرگەن شاھىتلار ھۇجۇمدا ئاز دېگەندىمۇ 20 ئەسكەرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى.
تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا 32 ئافغانىستان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئىسرائىلىيە لىۋانغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى.