تەيۋەندە سايلام ئىشخانىسىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرغان گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

گۇماندار ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ئۇنىماي قوراللىق تۇقۇنۇشۇپ يارىدار ھالدا قولغا چۈشتى.

1323307
تەيۋەندە سايلام ئىشخانىسىغا بومبا ئورۇنلاشتۇرغان گۇماندار نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەيۋەندە مەركەزىي ئۆكتىچى مىللىيەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) نىڭ سايلام ئىشخانىسىغا بومبا ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقى ئېنىقلانغان گۇماندار ساقچىلار بىلەن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن كېيىن يارىدار ھالدا نازارەتكە ئېلىندى.

پەيشەنبە كۈنى كەچتە مەركەزىي ئۆكتىچى مىللىيەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) نىڭ تىئانان شەھىرىدىكى سايلام ئىشخانىسىنىڭ كىرىشىگە يەرلىك ئۇسۇلدا ياسىۋېلىنغان پارتلاتقۇچ ئورۇنلاشتۇرغان گۇماندارنىڭ ئۆيىگە بېسىپ كىرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلدى.

بىخەتەرلىك كامېرالىرىنىڭ سىن ئارخىپلىرىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئېنىقلاپ چىقىلغان ۋۇ فامىلىلىك گۇماندارنىڭ ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا ئۇنىماي، تەسلىم بولۇشنى رەت قىلغانلىقى ۋە ساقچىلارغا قاراللىق جاۋاب قايتۇرغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش يۈز بەرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.

تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ئەترەتلىرى ئۆيگە بېسىپ كىرىپ، گۇماندارنى تۆت يېرىدىن يارىدار قىلغاندىن كېيىن نازارەتكە ئالدى.

نازارەتكە ئېلىنغان گۇماندارنىڭ بالنېستقا ئېلىنغانلىقى، سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئەمەسلىكى قەيت قىلىندى. 

تەيۋەندىكى خىتايغا قارشى رەھبەرلىك سايلاملىرى ئومۇمەن تىنچ ھالدا ئۆتكۈزۈلمەكتە. 2004يىلى دېموكراتىك تەرەققىياتپەرۋەرلەر پارتىيەسى نامزاتى چېن شۇ بىئان رەھبەرلىك سايلىمىدا ناھايىتى ئاز پەرق بىلەن قايتىدىن غەلىبە قىلغان بولۇپ، شۇ جەرياندا قوراللىق سۇيىقەسنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولغان ئىدى.

ئەينى چاغدا مەركەزىي ئۆكتىچى مىللىيەتچى پارتىيەسى (گومىنداڭ) بۇ ۋەقەگە قارىتا «چېن شۇ بىئاننىڭ قوللىغۇچىلىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئوينىغان بىر پەردە ئويۇنى» دەپ باھا بەرگەن ئىدى.

تەيۋەندە قۇرغۇچى پارتىيە سالاھىيىتىگە ئىگە گومىنداڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي بىلەن تېخىمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولۇپ، ھاكىمىيەت بېشىدىكى دېموكراتىك تەرەققىياتپەرۋەرلەر «DPP» پارتىيەسى بولسا، خىتايغا پۈتۈنلەي قارشى، مۇستەقىللىقنى تەرغىپ قىلغۇچى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ كەلمەكتە.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر