دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرىلەردە، بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئۈستىدە كېلىشىپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1323178
دونالد ترامپ خىتاي بىلەن بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ تىۋىتتېردا ھەمبەھىرلەشكەن ئۇچۇرىدا، «خىتاي بىلەن كەڭ دائىرىلىك بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئۈستىدە پۈتۈشتۇق. خىتاي بەزى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە كۆپ مىقداردا يىزا ئىگىلىكى مەھسۇلاتى، ئېنېرگىيە، تەييار مەھسۇلات ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشقا ماقۇل بولدى» دېدى.

دونالد ترامپ خىتاينىڭ 15دېكابىردا ئىجرا قىلىنىشى پىلانلانغان تامۇژنا بېجىنى ئاشۇرۇش بەلگىلىمىسىنىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا قوشۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ئىككىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىم ئۈچۈن مۇزاكىرىلەرنى بالدۇرراق باشلايمىز. 2020يىلىدىكى سايلامغىچە كۈتۈپ تۇرمايمىز. بۇ ھەممەيلەنگە نىسبەتەن ياخشى بىر كېلىشىم بولدى. رەخمەت» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر