قىرىمنى ئىشغال قىلىۋالغانلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگولار داۋاملىشىدىغان بولدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى «قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋىلىپ، ئۇكرائىنانىنىڭ مۇقىمسىزلىقىغا زىيان سالغان» لىقى سەۋەبىدىن رۇسىيەگە يۈرگۈزگەن ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى يەنە 6 ئاي ئۇزارتىش قارارى مۇقۇللىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا كېڭىشى رەئىسى باياناتچىسى بارېند لېيتس بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدە ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنى جەريانىدا تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، «ياۋروپا كېڭىشى رۇسىيەگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگولىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش قارارى ماقۇللىدى» دېدى.
رۇسىيە 2014 – يىلى 18 – مارتتا قىرىم ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى ۋە سىۋاستوپول شەھىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئۆزىگە قوشۇۋالغان ئىدى.
قىرىمنى رۇسىيەگە قوشۇۋىلىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر رۇسىيەگە ئىقتىسادى ئمېبارگو يۈرگۈزۈشنى باشلىغان ئىدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە ئىقتىسادى ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنى تۇنجى قېتىم 2014 – يىلى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ ئېمبارگوغا بىنائەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت رۇسىيەگە قورال سېتىپ بەرمەيدۇ. رۇسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ساھەسىدە ئىشلىتىدىغان تېخنىكىلىرىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سېتىۋېلىشى چەكلىنىدۇ. رۇسىيەنىڭ دۆلەت بانكىلىرى ياۋروپانىڭ مالىيە ساھەسىدە يېتىم قالدۇرۇلىدۇ.
سودا ۋە ئالاقىدار چەكلىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئېبمبارگونىڭ مۇددىتى ھەر 6 ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىلىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتىكى ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئېمبارگونىڭ مۇددىتى 2020 – يىل 31 –يانۋاردا توشۇش ئالدىدا تۇرىدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقى يەنە، مال – مۈلۈكلىرىنى توڭلىتىش ۋە ۋىزا چەكلىمىسى قويۇش قاتارلىق قوشۇمچە ئېمبارگوللارنىمۇ يۈگۈزگەن بولۇپ، رۇسىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.