ترامپ بۈگۈن ئاقسارايدا لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بۈگۈن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشىدۇ.

1320777
ترامپ بۈگۈن ئاقسارايدا لاۋروۋ بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، دونالد ترامپ بىلەن سېرگېي لاۋروۋ بۈگۈن ئاقسارايدا كۆرۈشىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭمۇ ئىشىتراك قىلىشى كۈتۈلۈۋاتقان ئۇچرىشىشتا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىشى پىلانلانماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر