سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ھەربىي ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمى تېررورلۇقمۇ؟

ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى پېنساكولا (Pensacola) غا جۈمە كۈنى قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېگەن پەرەز ئاساسىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1320024
سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ھەربىي ئوقۇغۇچىنىڭ ئامېرىكادىكى ھەربىي بازىغا قىلغان ھۇجۇمى تېررورلۇقمۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى «FBI» نىڭ مەسئۇلى راچېل ل روجاس، بۇنىڭغا ئوخشايدىغان نۇرغۇنلىغان ۋەقەلەردىكىگە ئوخشاش، بۇ ۋەقەنىمۇ «تېررورلۇق ھۇجۇمى» دېگەن پەرەز ئاساسىدا تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ھۇجۇم قىلغۇچى سەئۇدى ئەرەبىستان ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە 21 ياشلىق مۇئاۋىن ئوفىتسېر مۇھەممەد ئالىشامرانىنىڭ ۋەقە تۇغدۇرۇشتىن قىسقىغىنە ۋاقىت ئىلگىرى تۋىتېر ھېسابىدا ئامېرىكانى تەنقىد قىلغانلىقى، ئىسرائىلىيەنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ۋە مۇسۇلمانلارغا دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن ئەيىبىلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. 

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارسى «FBI» مەسئۇلى راچېل ل روجاس ۋەقەدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق بىر قومانداننىڭ بازىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، بارلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي بازىنىڭ چېتىدە تۇرۇشى كېرەكلىكىنى بۇيرىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە: «ھۇجۇم قىلغۇچىغا يېقىن نۇرغۇنلىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچىلار بار. ئۇلار تەكشۈرۈشتە ياردەمچى بولۇۋاتىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىسان ھۆكۈمىتىمۇ بىزنى تولۇق قۇللاۋاتىدۇ» دېدى.

مۇھەممەد ئالىشامرانىنىڭ ھۇجۇمدا فىلورىدادىن قانۇنلۇق ھالدا سىتىۋالغان «Glock» ماركىلىق قورالنى ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

جۈمە كۈنى (2019-يىلى 6-دېكابىر) 16 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر ۋە 7400 نەپەر مەمۇرىي ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ھاۋا ئارمىيە بازىسى پېنساكولادا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا 3 كىشى ئۆلۈپ، 8 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

ھۇجۇم قىلغۇچى بولسا، ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىلەن يۈز بەرگەن ئېتىشىشتا ئۆلۈك ھالدا قولغا چۈشكەن ئىدى. 

ئامېرىكادا ھەربىي تەلىم-تەربىيە ئۈچۈن 153 دۆلەتتىن 5000 دىن ئارتۇق چەت ئەللىك ئوقۇغۇچى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 800 دىن كۆپرەكى سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر