خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان تور ئۇرۇشىدا، يېڭى بىر قەدەمنى تاشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق ئىدارە - ئورگانلاردا ئىشلىتىلىۋاتقان چەت ئەل يۇمتاللىرى ۋە كومپىيۇتېر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مۇشۇ 3 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي ئېلىپ تاشلىنىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان تور ئۇرۇشىدا، يېڭى بىر قەدەمنى تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «Financial Times» گېزىتىنىڭ خەۋەرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى تور ھۇجۇمىدا تاشلانغان بۇ يېڭى قەدەمنىڭ مەقسىتى «HP»، «Dell» ۋە «Microsoft» قاتارلىق ئامېرىكا ماركىلىرىغا زەربە بېرىش ئىكەن.

خەۋەردە، «خىتاي دۆلەت ئىدارە- ئورگانلىرى، خىتاي ماركىسى «Lenovo» نى ئىشلىتىشكە يۈزلەنمەكتە. بىراق، كومپىيۇتېرلارنىڭ ئانا موتور (مەركىزىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ) چىپى، قاتتىق دېتال ۋە يۇمتاللىرى ئامېرىكا شىركەتلىرى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا» دېيىلدى.

ئامېرىكادا، خىتاي تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشكە چەكلىمە قويغان بولۇپ، دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى مۇشۇ يىل (2019) نىڭ بېشىدىن تارتىپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تېلېفون - تېلېگىراف شىركىتى خۇاۋېي (Huawei) بىلەن سودا قىلىشىنى مەنئى قىلغان ئىدى.

ماي ئېيىدا «Google»، «Intel» ۋە «Qualcomm» شىركەتلىرى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقلىرىنى توختىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتايدا چىقىدىغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى خۇ شىجىن ئامېرىكا تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ خۇاۋېي بىلەن ھەمكارلىقنى ئاخىرىلاشتۇرۇشىنىڭ خۇاۋېيغا نىسبەتەن ۋەيران قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى خىتاينىڭ بۇ توقۇنۇشنى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى پىلانلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۆزلىرىگە تەۋە كومپىيۇتېر ئانا موتورچىپى ئىشلەپچىقىرىشقا يۈزلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.  

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر