كىم يوڭچول دونالد ترامپنى «سەۋردىن مەھرۇم، بىپەرۋا، تەڭپۇڭسىز قېرى» دېدى

شىمالىي كورېيە دونالد ترامپنىڭ تۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقان ئۇچۇرىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

1320193
كىم يوڭچول دونالد ترامپنى «سەۋردىن مەھرۇم، بىپەرۋا، تەڭپۇڭسىز قېرى» دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۋىتتېر ھېسابىدا تارقاتقان ئۇچۇرىدا، شىمالىي كورېيە ئەگەر دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيە تۇتقان تەقدىردە، يوقىتىپ قويىدىغان نۇرغۇن نەرسىلىرى بارلىقىنى ئېيتقان بولۇپ، پىيوڭياڭ دائىرىلىرى دونالد ترامپقا نارازىلىق بىلدۈردى. 

شىمالىي كورېيەنىڭ ھەربىي ئىشلار مۇزاكىرىچىسى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كىم يوڭچول شىمالىي كورېيەنىڭ يوقىتىپ قويىدىغان ھېچ نەرسىسى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، دونالد ترامپنى «سەۋردىن مەھرۇم، بىپەرۋا، تەڭپۇڭسىز قېرى» دەپ ئاتىدى.

كىم يوڭچول ترامپنىڭ شىمالىي كورېيە ھەققىدە تېخى بىلمەيدىغان نۇرغۇن ئىشلار بارلىقىنى ۋە يوقىتىپ قويغۇدەك كۆپ نەرسىلىرى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھەرگىزمۇ يوقىتىۋېتەلمەيدىغان نەرسىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە ھۆرمەت ۋە بۇ دۆلەتكە (ئامېرىكاغا) بولغان غەزەپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.  

كىم يوڭچول ئالدىنقى يىلى ۋاشىنگىتونغا بېرىپ، رەھبەرلەر ئۇچرىشىشىنىڭ تەييارلىقى ئۈچۈن ئىككى قېتىم پىرېزىېنت ترامپ بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۈنۈگۈن (8-دېكابىر) تۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «كىم جوڭئۇن ئىنتتايىن ئەقىللىق كىشى، ئەگەر دۈشمەنلەرچە پوزىتسىيەدە بولغان تەقدىردە،  يوقىتىپ قويىدىغان نۇرغۇن نەرسىسى بار. سىنگاپوردا مەن بىلەن ئىنتايىن مۇستەھكەم يادرو قوراللاردىن تازىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى» دېگەن ئىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر