باش ئەلچى 10 دوللارلىق كىتاب ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەندى

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركېلو ئېبرارد 10 دوللارلىق كىتاب ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن مېكسىكانىڭ بۇئېنوس ئەيرېستا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوسكار رىكاردو ۋالېرونىڭ دەرھال قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باش ئەلچى 10 دوللارلىق كىتاب ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركېلو ئېبرارد تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئىنتىزام تەكشۈرش كومىتېتىنىڭ ئاتاقلىق بىر كىتابخانىدىن كىتاب ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئارگېنتىنادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەب قىلدىم ۋە ئۆزىنىڭمۇ قايتىپ كېلىشى ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈردۈم. ئەگەر كۆرۈنۈشلەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكى تەستىقلانسا، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. ساختىپەزلىككە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ» دېدى.

ئارگېنتىنا مەتبۇئاتلىرىدا تارقىتىلغان كۆرۈنۈشلەردە، 76 ياشلىق باش ئەلچىنىڭ 26ئۆكتەبىردە بۇئېنوس ئەيرېسنىڭ ئەڭ ئاتاقلىق كىتابخانىلىرىدىن «ئېل ئاتېنىيو گىراند سىپلېندىد» تە، ئىشكاپتىن ئالغان بىر كىتابنى گېزىتنىڭ ئارسىغا قويغانلىقى ۋە پۇلىنى تۆلىمەستىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلىقى، دەرۋازىدىن چىقىدىغان چاغدا دوككان سىگنالى چېلىنغاندىن كېيىن، بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىنغانلىقى كۆرۈنىدۇ. 

بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمى ئوسكار رىكاردو ۋالېرونىڭ تالۇنىنى سۈرۈشتە قىلىپ، كىتابنىڭ سېتىۋىلىنمىغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلىدۇ، ساقچىلار مېكسىكا باش ئەلچىسى ھەققىدە دېلو تۇرغۇزىدۇ. 

باش ئەلچى ھەققىدە ئوغرىلىق جىنايىتى بىلەن دېلو ئېچىلغان بولسىمۇ، بىراق ئارگېنتىنادا باش ئەلچىلەر دىپلوماتىك ھەق ھوقۇققا ئىگە بولغانلىقى يۈزىسىدىن نازارەتكە ئېلىنىشقا ۋە سوتقا چىقىرىلىشقا بولمايدۇ شۇنداقلا جازاسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ.

مېكسىكا باش ئەلچىسى ئوسكار رىكاردو ۋالېرو ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن كىتابنىڭ قىممىتى 10 دوللار بولۇپ، فىرانسىيەلىك تارىخشۇناس گۇي نوگورېت تەرىپىدىن يېزىلغان «ئويۇنپەرەس، پاشىۋاز گىئاكومو كاسانوۋانىڭ تەرجىمەھالى» دېگەن كىتاب ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر