ئىراندا زۇكام تارقاپ 81 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

ئىران مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئەلى رىزا رەئىسى، رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرنانىڭ ئىراندا تارقالغان زۇكام توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

1319514
ئىراندا زۇكام تارقاپ 81 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران مۇئاۋىن سەھىيە مىنىستىرى ئەلى رىزا رەئىسى، ئىران رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى – ئىرناغا بايانات بېرىپ، يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە 8333 ئادەمنىڭ زۇكام تۈپەيلى دوختۇرخانىغا كەلگەنلىكىنى، بۇلارنىڭ يېرىمىغا يېقىنىنىڭ نەپەس قىستاش سەۋەبىدىن 2 كۈندىن ئارتۇق بالنىستتا ياتقانلىقىنى، باشقا بىمارلارنىڭ نورمال داۋالانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ئۆتكەن ھەپتە ھاياتىدىن ئايرىلغان 25 ئادەمنى قوشقاندا ئىراندا سېنتەبىر ئېيىدىن بۇيان زۇكام يۈزىسىدىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 81 گە يەتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەلى رىزا رەئىسى، زۇكامنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەش ئۈچۈن، خەلقنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.

يېقىنقى ئايلاردا ئىراننىڭ مازەنداران، كەھگۇلىيە – بۇيەرئاھمەد، كىرمان ۋە ئاھۋاز ئۆلكىلىرىدە H1N1 باكتېرىيەسى (چوشقا زۇكۇمى) بايقالغانلىقى ئېلان قىلىنغانىدى.


خەتكۈچ: #زۇكام , #ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر