ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تۈركىيەنىڭ «يېڭى چېگرا ئېغىزى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى قوللىدى.

1319238
ئامېرىكا تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى قوللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى كېللى كرافت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە كېڭەشنىڭ دېكابىر ئېيى نۆۋەتچى رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىشىگە 2014 – يىلدىن بۇيان ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىۋاتقان خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارارىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى يېڭىلىنىشى لازىملىقىنى، بۇ دائىرىدە سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ياردەملەر توغرۇلۇق تۈركىيەنىڭ بەشىنچى «چېگرا ئېغىزى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى قوللايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئالدىمىزدىكى 12 ئاي بويىچە بۇ ياردەم قارارىنى قىزغىن قوللايمىز. تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنىمۇ قوللايمىز. چۈنكى بۇ بارغانسېرى زورىيىۋاتقان ئىنسانىي ئېھتىياجلارنى قامداش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۈرىيەگە چېگرا ھالقىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىۋاتقان قارارنىڭ مۇددىتى بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرى توشىدىكەن. شۇڭا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇلۇشى ئۈچۈن بۇ قارارنىڭ مۇددىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئۇزارتىلىشى شەرت ئىكەن.

قارارنىڭ يېڭىلىنىشىغا ئالدىنقى يىلى ئىجابىي قارىمىغان رۇسىيە بىلەن خىتاي ۋېتو قىلىش ھوقۇقىنى ئىشلەتمەسلىك بىلەن بىرلىكتە، ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە قارار يېڭىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر