خىتاي ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارغا شەرت قويدى

خىتاي ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن 5 كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىش شەرتىنى قويدى.

1319002
خىتاي ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارغا شەرت قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قارىتا شۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭمۇ بۇنىڭغا جاۋاب تەرىقىسىدە بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئاكادېمىكلار بىلەن ئۇچرىشىشتىن 5 كۈن بۇرۇن خەۋەر قىلىش شەرتىنى قويغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ، مۇناسىۋەتلىك قارارىنى بىكار قىلىشى، ئامېرىكىدىكى خىتاي دىپلوماتلىرى ۋە كونسۇلخانا خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتۈشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە قوللىشى لازىملىقىنى قەيت قىلدى.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى ئۆكتەبىر ئېيىدا بارلىق خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ ئامېرىكىلىق رەھبەرلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن، مائارىپ ئورگانلىرى ۋە تەقىقات مەركەزلىرىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتىنى قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر