تۈركىيە  - لىۋىيە كېلىشىمى ماقۇللاندى

تۈركىيە – لىۋىيە كېلىشىمى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتتى.

1318979
تۈركىيە  - لىۋىيە كېلىشىمى ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كېلىشىمنى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى،  مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ۋە ئىيى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى قوللاپ ئاۋاز بەردى.

لىۋىيە تەرەپتە بولسا، مىللىي كېڭەش ھۆكۈمىتى پىرېزىدېنت كېڭىشى كېلىشىمنى ماقۇللىدى، ئاندىن كېڭەش باشلىقى فايىز ئەسسەراج كېلىشىمنى ئىمزالىدى.

ئىگىلىنىشىچە، كېلىشىمدە تۈركىيەنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ماتېرىك سۇپىسىنىڭ غەربىي چېگرا لىنىيەلىرى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا خەلقئارالىق قانۇنغا ئاساسەن ئۆزلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغدىشى نىشان قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر