فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش باشلاندى

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن مىڭلارچە كىشى دۆلەت مىقياسىدا كۈندىلىك تۇرمۇشنى پالەچ ئەھۋالغا كەلتۈردى. نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

1318686
فىرانسىيەدە كەڭ كۆلەملىك ئىش تاشلاش باشلاندى
fransa.jpg
fransa.jpg
fransa.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (5-دېكابىر) ئوخشىمىغان نۇرغۇن ساھەلەردە خىزمەت قىلىدىغان 500 مىڭ كىشى، سېرىق جىلىتكىلىكلەرنىڭ بىر يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلغان نامايىشلىرىدىن كېيىن، ماكرون ھۆكۈمىتىنىڭ پېنسىيە ئىسلاھاتىغا نارازىلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە مەملىكەت مىقياسى بويىچە مۇددەتسىز ئىش تاشلاشنى باشلىدى.

پايتەخت پارىژ، ليون، نانتېس ۋە رېننېس قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەردە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

نارازىلىق قوزغىغان پېنسىيە ئىسلاھاتى، مەمۇر ۋە ئىشچى دەپ ئايرىماستىن ئارتۇقچىلىقلارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى، پېنسىيە يېشىنى قەدەممۇ قەدەم 62 دىن 64 كە چىقىرىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

 بۇنىڭ ئونلارچە ساھەدە سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

نارازىلىقلىرىنى ئەنئەنە بويىچە ئىش تاشلاش ۋە نامايىش قىلىش بىلەن ئىپادىلىگەن فىرانسىيە خەلقى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ نۇرغۇن قېتىم ئىش تاشلىغان ئىدى. 1995-يىلى ئۈچ ھەپتە داۋاملاشقان ئىش تاشلاش يۈز بەرگەن بولۇپ، دۆلەت مىقياسىدا كۈندىلىك تۇرمۇش پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر