ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسى خەلىلزاد پىرېزىدېنت غېنى بىلەن كۆرۈشتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ۋەكىلى زالماي خەلىلزاد، ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى بىلەن كۆرۈشتى.

1318107
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستان ئالاھىدە ئەلچىسى خەلىلزاد پىرېزىدېنت غېنى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى بايانات بېرىپ، ئالاھىدە ۋەكىل زالماي خەلىلزاد بىلەن پىرېزىدېنت ئەشرەف غېنىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، تالىبان بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى باشلاش ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇچرىشىشتا، تالىباننىڭ چەت ئەللەردىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنىڭ يوقىتىپ تاشلىنىشىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئارىسىدا 2018 – يىلى دېكابىردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى 5 – سېنتەبىردە ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالغاندىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.

سۆھبەتلەر توختاپ كەتكەندىن كېيىن، تالىبان تىنچلىق سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئۈچۈن موسكۋاغا ھەيئەت ئەۋەتكەنىدى.

ئافغانىستان پىرېزىدېنتى ئەشرەف غېنى رەھبەرلىكىدىكى ھۆكۈمەتنى ئېغىر خەۋپ دەپ قارايدىغان تالىبان تەشكىلاتى، نۆۋەتتە ئافغانىستاننىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر