رۇسىيە ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزىدىغان قوراللىنىش رىقابىتىگە چۈشمەيمىز

كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادقا ۋەيرانچىلىق سالىدىغان قوراللىنىش رىقابىتىگە كىرمەيدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

1317528
رۇسىيە ئىقتىسادقا زىيان يەتكۈزىدىغان قوراللىنىش رىقابىتىگە چۈشمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا داۋاملىشىۋاتقان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى توغرىسىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ، ناتونىڭ خامچوت مىقدارىنى ئاشۇرۇش پىلانىنى ئەيىبلەپ، «بۇ يۆنىلىشتە تاشلىنىدىغان قەدەملەر، ناتونىڭ كېڭەيمىچى سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى قايغۇلىرىمىزنى جەزملەشتۈرىدۇ. بۇ بىزدە ئەندىشە پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

پېسكوۋ، رۇسىيەنىڭ ناتو بىلەن قوراللىنىش رىقابىتىگە چۈشۈش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭمۇ دەپ ئۆتكىنىدەك، ئىقتىسادقا ۋەيرانچىلىق سالىدىغان قوراللىنىش رىقابىتىگە كىرمەيمىز» دېدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بۇنىڭدىن ئىلگىرى بايانات بېرىپ، ناتو خامچوتىنىڭ 2024 – يىلىغىچە 400 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر