پىرستايكو: قارا دېڭىز تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى سايىسىدا بىخەتەر ھالەتتە تۇرماقتا

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىلادىمىر پىرستايكو قارا دېڭىزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ۋە تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى سايىسىدا بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1317321
پىرستايكو: قارا دېڭىز تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى سايىسىدا بىخەتەر ھالەتتە تۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋىلادىمىر پىرستايكو ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا بىر كونفېرانستا سۆز قىلىپ، ناتونىڭ ياۋورپانىڭ شىمالىغا ۋە بالتىق دۆلەتلىرىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى ئېيتتى.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ قارا دېڭىز رايونىغا تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋىلادىمىر پىرستايكو: «قارا دېڭىز رايونى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ۋە تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى سايىسىدا بىخەتەر ھالەتتە تۇرماقتا. قارا دېڭىز رايونىنىڭ ئاچقۇچى قوشنىمىز تۈركىيەنىڭ ئىلكىدە. بۇ جەھەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن بىردەك پىكىرگە ئىگەمىز. جەنۇبىي ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ باشقا رايونلىرى سەۋەبىدىن مەركەزلىشىش دائىرىمىز قېيىپ كەتكەن تەقدىردە، يالغۇز قالىمىز» دېدى. 

ۋىلادىمىر پىرستايكو تۈنۈگۈن ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ 2008 - يىلى رومىنىيەنىڭ پايتەختى بۈكرەشتە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئارىدىن 10 يىل ئۆتتى ۋە ئۇكرانا بىلەن گىروزىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)غا تەكلىپ قىلىنمىدى. ناتونىڭ كەسكىن قارار چىقىرالماسلىقى سەۋەبىدىن رۇسىيە دەسلەپتە گىروزىيەگە، ئاندىن ئۇكرائىناغا مۇداخىلە قىلدى» دېدى.

ۋىلادىمىر پىرستايكو ئۇكرائىنانىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو)نىڭ شەرقىي چېگراسىنى قوغداۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر