ياپونىيەدە بىر ياشانغان كىشى تېلېفون ئوپېراتورىغا 24 مىڭ قېتىم تېلېفون قىلدى

ياپونىيەدە بىر ياشانغان كىشى تېلېفون ئوپېراتورىغا 24 مىڭ قېتىم تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن نازارەتكە ئېلىندى

1316926
ياپونىيەدە بىر ياشانغان كىشى تېلېفون ئوپېراتورىغا 24 مىڭ قېتىم تېلېفون قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىغا چىققان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، توكيو ساقچىلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، كېلىشىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى سەۋەبىدىن تېلېفون ئوپېراتورىغا 24 مىڭ قېتىم تېلېفون قىلغان 71 ياشلىق ئاكىتوشى ئوكاموتو ئىىسملىق كىشىنىڭ تېلېفون ئوپېراتور مەركىزىنىڭ خىزمىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەنلىكى تۈپەيلى نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلار، 71 ياشلىق ئاكىتوشى ئوكاموتونىڭ تېلېفون ئوپېراتور مەركىزى كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىدىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، مىڭلارچە قىلىپ تېلېفون ئوپېراتور مەركىزىگە تېلېفون قىلىش جەريانىدا خادىملارغا ھاقارەت قىلغانلىقىنى ۋە بەزىدە تېلېفونغا جاۋاب قايتۇرۇلغاندا بولسا، تېلېفوننى سۆز قىلماستىن شۇ ھامان تاقىۋالغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياپونىيەدە بارغانچە نوپۇسنىڭ قېرىپ كېتىشىگە ئەگىشىپ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنىڭمۇ ئېشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر