ئامېرىكادا «TikTok» ئىشلەتكۈچى مەلۇماتلىرىنى خىتايغا سېتىش بىلەن ئەيىبلەندى

ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيەدە ئىشتاتىدا، ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتى «TikTok» ئىشلەتكۈچى مەلۇماتلىرىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاياق ئاستى قىلىپ، مەخپىي ھالدا خىتايغا سېتىپ بەرگەنلىكى تۈپەيلىدىن سوتقا ئەرز قىلىندى.

ئامېرىكادا «TikTok» ئىشلەتكۈچى مەلۇماتلىرىنى خىتايغا سېتىش بىلەن ئەيىبلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «ب ب س» قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، ئۇنۇىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىسى مىستىي خوڭ خىتاينىڭ تېخنىكا شىركىتى «ByteDance» كە تەۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېكىتى «TikTok» قا قارشى سوتقا ئەرز سۇنغان بولۇپ، ئۇ خۇسۇسىي مەلۇماتلىرىنىڭ ئۆز رازىلىقىسىز «TikTok» تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مىستىي خوڭ «TikTok» نى چۈشۈرۈپ قاچىلىغانلىقىنى بىراق ھېساب ئاچمىغانلىقىنى، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن «TikTok» شىركىتىنىڭ ئۇنىڭ نامىغا ھېساب ئېچىپ، تېخى ھەمبەرھىرلەشمىگەن ۋىدېئولارنى مەخپىي ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەرزنامىدا يەنە، «TikTok» ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ رازىلىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئەزالىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان شىركەتلىرىگە مەنپەئەت ئۈچۈن شېتىش ۋە بۇ ئارقىلىق نەپ ئۇندۇرۇش بىلەن ئەيىبلەندى.

ئەزالارنىڭ خۇسۇسي مەلۇماتلىرىنى بولسا، ئامېرىكادىكى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېساب تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش، ئشىلەتكۈچىلەرنى تەقىب قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتلىگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى ۋە شۇنداق ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دۇنيا مىقياسىدا تەخمىنەن 500 مىڭ ئاكتىپ ئىشلەتكۈچىسى بولغان «TikTok» ئىلگىرىمۇ ئامېرىكالىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ خۇسۇيىي مەلۇماتلىرىنى قوغدىماسلىق بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.

«TikTok» نىڭ ئىشلەتكەچى مەلۇماتلىرىنى خىتايدىكى مەكىزى بازىسىدا ساقلايدىغانلىقى ۋە بەزى ۋىدېيولارنى ئەگلەكتىن ئۆتكۈزۈش ۋە چەكلەش خاراكتېرلىق ئىشلارنى قىلىش بىلەنمۇ تەنقىد قىلىنماقتا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر