ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئابدۇللاھ ئابدۇللاھ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان ئىجرائىيە ھەيئىتى باشقارمىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابدۇللاھ بىلەن پومپېيونىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە، تالىبان بىلەن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان سۆھبەت مۇساپىسى ۋە 28 – سېنتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە نەتىجىسى تېخىچە ئېلان قىلىنمىغان پىرېزىدېنت سايلىمى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 4 كۈن ئىلگىرى ئافغانىستانغا قىلغان زىيارىتى، ۋاشىنگتون – كابۇل مۇناسىۋەتلىرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، تېلېفون سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەن.