ترامپ ئەنگلىيەدە مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتونىڭ ياخشى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ ئەنگلىيەدە مۇخبىرلارنىڭ تۈركىيەگە ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا ناتوغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى يىغىنى دائىرىسىدە كۆرۈشتى. ترامپ ئۇچرىشىشتا سۆز قىلىپ، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكروننىڭ «ناتونىڭ مېڭە ئۆلۈمى ئىشقا ئېشىپ بولدى» دېگەن سۆزلىرىگە «ئېغىر بىھۆرمەتلىك قىلىش» دەپ باھا بەردى.

ترامپ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ فىرانسىيە پىرېزىدېنتىغا ئۆتكەن ھەپتە قايتۇرغان جاۋابىغا ئىشارەت قىلغان ھالدا، «تۈركىيەمۇ <ماكروننىڭ مېڭە ئۆلۈمى ئىشقا ئېشتى> دېدى.» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، تۈركىيەنىڭ ناتونىڭ ياخشى ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىز ياخشى. ئۇزۇن مەزگىل (سۈرىيە) چېگراسىدا قالدۇق، ئەمدى چېگرالىرىدىن چېكىندۇق. ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى باغدادىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەتتە تۈركىيە كۈچلۈك ياردەمچى بولدى. ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بىر ئىش قىلىپ بېرەلمەيتتى، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ياردەم قىلالمايتتى» دېدى.

دونالد ترامپ، تۈركىيەنىڭ س-400 سېتىۋېلىشى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئەنقەرەنىڭ باراك ئوباما دەۋرىدە ۋەتەنپەرۋەر ناملىق ھاۋا مۇداپىئە قالقان سىستېمىسى سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى، بىراق ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇدا بىر قانچە قېتىم سۇنۇلغان تەلەپكە ئىجابىي جاۋاب قايتۇرمىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا يۈزلەنگەنلىكىنى، ئەنقەرە بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

س-400 يۈزىسىدىن تۈركىيەنىڭ ف-35 سېتىۋېلىشىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان ترامپ، «ھازىر قىلىدىغان ئىشلىرى مەيلى رۇسىيە مەيلى خىتاي بولسۇن، باشقا دۆلەتكە كېتىش بولىدۇ. بۇنداق قىلىشنى خالىمايدۇ. ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋېلىشنى خالايدۇ. كۆپ ساندا سېتىۋېلىشنى خالايدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە مىلياردلارچە دوللارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگمۇ، «تۈركىيە ھەربىي ھەرىكەتنى توختاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن (سۈرىيەدە) سىياسىي چارە تېپىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر