شىمالىي كورېيە: ئامېرىكانىڭ زادى قانداق نوئېل ھەدىيەسى ئېلىشى ئۆزىگە باغلىق

شىمالىي كورېيە ئامېرىكانىڭ يادرو مۇزاكرىلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ۋاقتى ئازايغانلىقىنى، ئامېرىكانىڭ زادى قانداق نوئېل ھەدىيەسى ئېلىشنى قارار قىلىدىغان ۋاقتى كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

شىمالىي كورېيە: ئامېرىكانىڭ زادى قانداق نوئېل ھەدىيەسى ئېلىشى ئۆزىگە باغلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيە رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى «KCNA» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيەنىڭ ئامېرىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رى تېسوڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ، ھەقىقىي ھەل قىلىش چارسى سۇنماستىن، ۋاقىت ئۇتۇش مەقىستىدە، مۇزاكىرە تەكلىپلىرىنى تەكرارلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رى تېسوڭ شىمالىي كورېيەنىڭ مۇھىم بىرەر پايدىسى بولمىسا، يادرو دېپلوماتىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا تەرىپىدىن توختىماي دۇمبىقى چېلىنىۋاتقان دىيالوگ؛ ئەسلىدە كورېيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى (جەنۇبىي كورېيە) نىڭ دىيالوگقا باغلىنىپ قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلغان ئەخمەقلەرچە ئۇيۇندىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ ئامېرىكادىكى سايلاملار ۋە سىياسەتلەر ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىنماقتا. بۇنىڭدىن كېيىن زادى قايسى نوئېل ھەدىيەسىنى تاللاش پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە باغلىق» دېدى. 

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن يادرو كېلىشىمى مەسلىسىدە ئورتاق قوبۇل قىلارلىقى بولغان شەرتلەرنى تەكلىپ قىلىشى ئۈچۈن ئامېرىكاغا مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە مۇددەت بەرگەنلىكىنى، ئەگەر ئامېرىكا ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ۋە بېسىم ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرغان تەقدىردە، باشقا يېڭى بىرەر يول تېپىشقا تىرىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا ۋە شىمالي كورېيە ئوتتۇرىسىدىكى يادرو مۇزاكىرىلەر فېۋرال ئېيىدىن بۇيان ئاقساپ قالغان ھالدا داۋاملاشماقتا.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر