خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشى، لىۋىيەدىكى ئۇرۇشۇۋاتقان تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى دەرھال پەسكۇيغا چۈشۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئورتاق باياناتىدا، لىۋىيەدە يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان ئېغىرلىشىپ كەتكەن جىددىيچىلىكتىن چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

كېڭەشنىڭ، ب د ت لىۋىيە ئالاھىدە ۋەكىلى غەسسان سەلامەنىڭ لىۋىيەدىكى كىرىزىسقا چارە تېپىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ۋە خەلقئارانىڭ بۇ ساھەدىكى قەدەملەرنى قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، لىۋىيەدىكى تەرەپلەرنى جىددىيچىلىكنى دەرھال پەسكۇيغا چۈشۈرۈپ ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى.

لىۋىيەگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قورال ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى ۋە چەت ئەللىك ياللانما ئەسكەرلەر سانىنىڭ ئەندىشە يارىتىۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا يەنە، بارلىق ئەزا دۆلەتلەر ب د ت نىڭ قورال ئېمبارگوسىغا بويسۇنۇش ۋە كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدىغان مۇداخىلىلەردىن ساقلىنىشقا چاقىرىلدى.

لىۋىيە، 2011 – يىلى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن لىدېر مۇئەممەر قەددافىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇش تۈپەيلى قانۇنىيلىق كىرىزىسىغا سەھنە بولماقتا.

لىۋىيەدە خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى ئەسكەرلىرى بىلەن گېنېرال خەلىفە ھافتەرگە قاراشلىق كۈچلەر ئارىسىدا شىددەتلىك توقۇنۇشلار يۈز بەرمەكتە.


خەتكۈچ: ب د ت , لىۋىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر