ئىراننىڭ نەجەفتىكى كونسۇلخانىسىغا يەنە ئوت قويۇپ بېرىلدى

ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرىدىكى نامايىشلار ئەسناسىدا ئىران كونسۇلخانىسىغا يەنە بىر قېتىم ئوت قويۇپ بېرىلدى.

ئىراننىڭ نەجەفتىكى كونسۇلخانىسىغا يەنە ئوت قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلار ئەسناسىدا نەجەفتىكى ئىران كونسۇلخانىسى بىناسىغا كىملىكى ھازىرچە ئېنىقلىنالمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن قايتىدىن ئوت قويۇپ بېرىلگەن.

بۇ جەرياندا ۋەقەنىڭ جەريانىغا شاھىت بولغۇچىلار، ۋەقە يۈز بەرگەندە كونسۇلخانا ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، پۇقراۋى قوغدىنىش ئەترىتى خادىملىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرى داۋام قىلماقتا ئىكەن.

مەزكۇر كونسۇلخانىغا بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىر قېتىم ئوت قويۇپ بېرىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر