ئافغانىستان: تالىبان ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك

ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى سىددىق سىددىقى تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشى ئۈچۈن خىزمەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1316143
ئافغانىستان: تالىبان ئۇرۇش توختىتىش ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئافغانىستان پىرېزىدېنتلىق سارىيى باياناتچىسى سىددىق سىددىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تالىباننىڭ تىنچلىققا قاتنىشىشى ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتلەرنىڭ يارىتىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تالىباننىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ياخشى ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «تالىبان ئۇرۇش توختاتسا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا بىۋاستە ۋە يۈزمۇ يۈز كۆرۈشۈشلەر باشلىنىدۇ» دېدى.

ئۇ تالىباننىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

تالىباننىڭ باياناتىدا بولسا، ئامېرىكا بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبەتلىرىنىڭ نەتىجىلىنىشى كېرەكلىكى قەيت قىلىندى.

تالىبان باياناتىدا، سۆھبەتلەردىن نەتىجە چىقمىغان، كېلىشىم تېكىستى ئىمزالانمىغان ۋە ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇچرىشىشلار باشلانمىغان ئەھۋالدا ئۇرۇشنىڭ توختىتىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، تېخىچە بۇ مەسىلىدە مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ باشلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تالىبان باياناتتا، ئۆتكەن ئايلاردا توڭلىتىپ قويۇلغان ئامېرىكا-تالىبان تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىنى توختىغان يەردىن داۋاملاشتۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئامېرىكا بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدا 2018-يىلى دېكابىردىن تارتىپ داۋاملاشقان تىنچلىق مۇزاكىرەلىرىنى، 2019-يىلى 5-سېنتەبىر ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قىلىنغان ۋە تالىبان جاۋابكار بولىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بومبا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

تالىبان تىنچلىق مۇزاكىرەلىرى توختىتىلغاندىن كېيىن، تىنچلىق سۆھبەتلىرىنى قايتا باشلاش ئۈچۈن ھەل قىلىش چارىسىنى رۇسىيەدىن ئىزدىگەن ۋە موسكۋاغا ھەيئەت ئەۋەتكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر