ئەنگلىيەدە شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن بىر تېررورلۇق جىنايەتچىسى قايتا نازارەتكە ئېلىندى

ئەنگلىيەدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ تېررورلۇق جىنايىتى بىلەن قاماققا ھۆكۈم قىلىنىپ، شەرتلىك ھالدا قويۇپ بېرىلگەن بىر كىشى قايت نازارەتكە ئېلىندى.

ئەنگلىيەدە شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن بىر تېررورلۇق جىنايەتچىسى قايتا نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچىلار 34 ياشلىق كىشىنىڭ سىتوك ئون تېرېنت شەھىرىدە نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى لېكىن كىملىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. 

ساقچى مەسئۇللىرى نازارەتكە ئېلىنغان كىشىنىڭ ئۆيىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە بۇ نازارەتكە ئېلىشنىڭ لوندون كۆۋرۈكى ھۇجۇمى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەەزىرى بورىس جونسون ئەنگلىيەدە تېررورلۇق بىلەن ئەيبىلىنىپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان 74 مەھبۇسنىڭ قانۇنغا بىنائەن شەرتلىك قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

لوندوندا جۈمە كۈنى 2 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ 3 كىشىنى يارىدار قىلغان تېررولۇق جىنايەتچىسى 28 ياشلىق ئوسمان خاننىڭ 16 يىل قاماققا جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى لېكىن مۇددەتتىن ئىلگىرى قويۇپ بېرىلگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. 

ئوسمان خان جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 ئەتراپىدا 5 كىشىگە پىچاق تىققاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ھۇجۇم قۇربانلىرىدىن ئىككى كىشى دوختۇرخانىدا داۋاملاش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ساقچىلار ۋەقەگە «تېررورلۇق» دەپ باھا بەرگەن ھەمدە ئەسلىدە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن مەھبۇسلارغا پىسىخلىئوگىيەلىك خىزمەت ئىشلەشكە ئالاقىدار كونفېرانستقا ئوسمان خاننىڭمۇ تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ كونفرانستا پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى باشلاپ، زالىنىڭ يېنىدىكى لوندون كۆۋرۈكىدە داۋاملاشتۇرغانلىقى ئېلان قىلىنغان ئىدى.

ساقچىلار ئوسمان خاننىڭ يالغان ئىكەنلىكى كېيىن ئېنىقلانغان پارتلاتقۇچنى كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۇنىڭ لوندون مۇقىمسىز مۈلۈك پايچېكى بازىرىغا ھۇجۇم قىلىش پىلانىدا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن 16 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان بىراق قانۇنغا بىنائەن مۇددەتتىن بۇرۇن قويۇپ بېىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئوسمان خاننىڭ ھۇجۇم ئەسناسىدا پۇتىدا ساقچىلار تەرىپىدىن كۆزىتىلىش ئۈچۈن تاقاپ قويۇلغان ئېلېكتىرونلۇق بىلەيزۈكنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 

 


خەتكۈچ: ئەنگلىيە

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر